شىركەت چۈشەندۈرۈلىشى

2023-06-01 18:16:23 muzong 16

خەلقىمىزنى ھاياتى كۈچكە تولغان ، كۆركەم چاچقا ئىگە قىلىپ، ھۆسنىگە ھۆسن، قەددىگە قامەت بېغىشلاشنى ئۆزىگە مىزان قىلغان شىنجاڭ قامەت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، 2019 -يىلى 8 -ئايدا تىرىشچان ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى مۇختاربەگ  ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا گۈزەل شەھەر ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان دىيارىمىز كىشلىرىنىڭ ھاۋا كىلىماتى،  يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتى ، گۈزەللىك قارىشى، قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جۇڭيى تېبابىتى بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلىرىنى بىرىكتۈرۈپ زامانىۋې ئىلغار تېخنىكىنى ئاساس قىلىپ، «قامەت»، «چاچ دوكتۇرى»،«يارقىن»،«سەفرىن» ماركىسىدىكى  تۈرلۈك چاچ مەھسۇلاتلىرى ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ، تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى  بازارغا سېلىپ،  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.


 شىركەت -خېرىدارلارنى رازى قىلىشنى بىرىنچى ، سەمىمىيلىك بىرىنچى ، ئىشەنچ بىرىنچى دېگەننى ئەمەلدە كۆرسۈتىپ، سۈپەتنى مۇھىم ئورۇنغا  قويغاچقا   قىسقىغىنا 3 يىل ئىچىدە  ئىشەنچتە، ئىناۋەتتە، سۈپەتتە، توختامغا ئەمەل قىلىشتا AAA دەرىجىلىك كارخانا شەرپىگە ئىرىشتى ۋە شۇنداقلا يەنە  100دىن ئارتۇق ھەمكارلاشقۇچى پايچەككە، 5000دىن ئارتۇق ۋاكالەتچىگە، 40 دىن ئارتۇق قامەت نامىدىكى مەخسۇس چاچ ساغلاملىق سارىيىغا ئىگە مۇنتىزىم بىر كوللىكتىپقا ئايلاندى، قامەتكە ئىشەنگەنلەرنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلدى، قامەتكە ئەگەشكەنلەرنى ئۆيلۈك قىلدى، ماشىنلىق قىلدى، پۇل تاپقۇزدى ، روناق تاپقۇزدى.

 بۇ شىركەت يەنە چاچ مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان 800 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قامەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ،  ئۇلارنى گۈزەل ۋە ساغلام چاچقا ئىگە قىلدى، قامەت مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن خېرىدارلار قامەت ماركىسىغا يۇقىرى باھا بېرىشتى. شىركەت يەنە جەمىيەتتىكى ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىشنى ئويلاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ياشلارغا ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆگىنىش ھەم ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى . قامەت شىركىتى نۆۋەتتە «تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ چاچ، ساغلاملىق،گۈزەللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز ۋە بۇرچىمىز» دېگەننى ئۆزىگە شوئار قىلىپ  شىنجاڭ ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرى بار، مەملىكەتكە تونۇلغان داڭلىق ماركىلىق گورۇھقا ئايلىنىش يولىدا توختاۋسىز تىرىشماقتا، جۇش ئۇرۇپ تەرەققى قىلماقتا .


var _hmt = _hmt || []; (function() { var hm = document.createElement("script"); hm.src = "https://hm.baidu.com/hm.js?520556228c0113270c0c772027905838"; var s = document.getElementsByTagName("script")[0]; s.parentNode.insertBefore(hm, s); })();